ھەققىمىزدە

يۈكسەل — دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئانا تىل تەلىمى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان تور مەكتىپى.

مەقسىتىمىز

ھەر بىر بالا ئانا تىلىدا ئەركىن سۆزلىسۇن

مەكتىپىمىز چەتئەلدە چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن باغلىنىشتا بولۇشى ئۈچۈن قۇرۇلغان. ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىر قاتاردا، بالىلارنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى دەرسلىرىنىمۇ ئاچتۇق.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى — بالىلارنىڭ ئوقۇشنى سۆيۈشى. شۇڭا كىتاب ئوقۇش كۇلۇبلىرىمىز ئارقىلىق ھەر بىر بالىدا كۈندىلىك ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىمىز.

ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى

بىز بىلەن تونۇشۇڭ

ئايگۈل مەمەت

مەكتەپ مۇدىرى

مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىسى، 15 يىللىق تەلىم-تەربىيە تەجرىبىسىگە ئىگە.

رەنا تۇرسۇن

ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى

باشلانغۇچ باسقۇچ ئانا تىل تەلىمى بويىچە مۇتەخەسسىس.

دىلنۇر ئابلىز

ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى

بالىلار ئىنگلىز تىلى تەلىمىدە 8 يىللىق تەجرىبىگە ئىگە.

ئەركىن قادىر

ئەدەبىيات ۋە كىتاب كۇلۇبى

كىتاب كۇلۇبلىرىنىڭ باشلامچىسى، يازغۇچى ۋە تەرجىمان.

ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھەر ئايدا توردا ئۆتكۈزۈلىدىغان تەربىيىلەش يىغىنلىرىدا دەرس ئۇسۇللىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.