1 – باب: ئەزان ساداسى ۋە كىرىست بىلەن قىلىچلارنىڭ توقۇنۇشى
تاجاۋۇزچىلارنىڭ قان ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان كىر باسقان يەلكەنلىرى ئۇپۇقنى مەينەت كۆلەڭگىسى بىلەن بۇلغاشتىن نەچچە ئەسىر بۇرۇن، تىنچ ئوكياننىڭ زۇمرەت دولقۇنلىرىنىڭ نازۇك پىچىرلاشلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان، ئاللاھنىڭ ئۆز قۇدرەت قەلىمى بىلەن سىزغان بىر جەننەت ماكانى بار ئىدى. ئۇ يەردە ھاۋا — ئەنبەر ۋە رَيْھان گۈللىرىنىڭ پۇرىقىغا تولۇپ، ھەر بىر نەپەس روھقا ئارام بېرەتتى. تۇپراق — شۇنداق بەرىكەتلىك ئىدىكى، تاشلانغان ھەر بىر ئۇرۇق مىڭ دانغا ئايلىنىپ، ئاسمانغا بوي سوزاتتى. ئىنسانلار — دېڭىزنىڭ چەكسىز كەڭلىكىنى يۈرىكىگە، يامغۇرلۇق جاڭگالدىكى دەرەخلەرنىڭ مەغرۇرلىقىنى غۇرۇرىغا سىڭدۈرگەن ئەركىن، مەردۇ-مەردانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئىمان نۇرىدا سۇلۇ دېڭىزىنىڭ تېگىدىكى ئاپئاق مەرۋايىتلار كىبى چاقناپ تۇراتتى، مىنداناۋنىڭ مۇنبەت ۋادىلىرىدا ئۆسكەن زىرائەتلەر ئۇلارنىڭ تومۇرىدا ئىززەت-نومۇسنىڭ قېنى بولۇپ ئاقاتتى. بۇ — كېيىنچە دۇنيا «مورو زېمىنى» دەپ ئاتايدىغان، ئەمما ئەينى چاغدا ئۆزلىرىنىڭ شانلىق ئىسمى بىلەن ئاتالغان سۇلۇ ۋە مىنداناۋ سۇلتانلىقلىرىنىڭ گۈللىنىش ئالدىدىكى مۇبارەك تۇپرىقى ئىدى.
ئاندىن، 1380-يىلى، يىراق ئەرەب دىيارىدىن كەلگەن، قەلبى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى بىلەن لىق تولغان، ئاللاھنىڭ ئەڭ گۈزەل ئامانىتىنى — ئىسلام نۇرىنى يۈرىكىگە پۈككەن بىر كارۋان يېتىپ كەلدى. ئۇلار تاجاۋۇزچىنىڭ قىلىچى ۋە زەمبىرىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى تىجارەتچىنىڭ ساداقىتى، ئالىمنىڭ ھېكمىتى ۋە دەۋەتچىنىڭ كۆز ياشلىرىغا ئارىلاشقان مۇھەببىتى بىلەن بۇ زېمىننىڭ قەلب ئىشىكىنى ئاستا چەكتى. شەيخ كەرىمۇل مەخدۇمغا ئوخشاش تەقۋادار زاتلارنىڭ تىلىدىن چىققان ھەر بىر «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» ساداسى، بۇ خەلقنىڭ پاك روھىغا ئۇرۇق بولۇپ چېچىلدى. جاڭگاللىقلارنىڭ جىمجىت سۈكۈتىنى تۇنجى قېتىم ئەزان ئاۋازى يېرىپ ئۆتكەندە، قەدىمكى بۇتلار ئۆزلىكىدىن يىقىلدى، يۈرەكلەر ھەقكە مايىل بولدى، روھلار ئۆز ياراتقۇچىسىنى تاپتى.
ئىسلام — ئۇلار ئۈچۈن پەقەتلا يېڭى بىر دىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ چېچىلاڭغۇ قەبىلىلىرىنى بىر پولات ئۈممەتكە ئايلاندۇرىدىغان، ئۇلارغا يېڭى بىر كىملىك، يېڭى بىر غايە ۋە يېڭى بىر دۇنيا قارىشى ئاتا قىلىدىغان ئىلاھىي بىر رەھمەتكە ئايلاندى.
بۇ ئىلاھىي نۇرنىڭ بىرلەشتۈرگۈچى سايىسى ئاستىدا، 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، ئىككى بۈيۈك ئىسلام قورغىنى قەد كۆتۈردى: سۇلۇ سۇلتانلىقى (تەخمىنەن 1405-يىلى قۇرۇلغان) ۋە ماگۇينداناۋ سۇلتانلىقى. بۇلار پەقەتلا بىر قانچە قەبىلە باشلىقىنىڭ ئاجىز ئىتتىپاقى ئەمەس ئىدى. ئۇلار — مەسچىتلىرىنىڭ مۇنارىدىن ئەزان ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان، ئوردىلىرىدا قۇرئان تىلاۋىتى ياڭراپ تۇرىدىغان، سوتلىرىدا ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىنىدىغان، ئۆز بايرىقى، ئۆز ئارمىيەسى ۋە ئۆز قانۇنى بولغان ھەقىقىي ئىسلام دۆلەتلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ «كاراكوا» دەپ ئاتالغان چەبدەس ۋە خەتەرلىك ھەربىي كېمىلىرى دېڭىزدا دۈشمەنلەرنىڭ يۈرىكىگە ۋەھىمە سالاتتى، سودا كېمىلىرى مالايسىيادىن خىتايغىچە بولغان دېڭىزلاردا ئەركىن-ئازادە قاتناپ، مەرۋايىت، زىرائەت ۋە كەمپۈت قاتارلىق بايلىقلارنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتاتتى. سۇلتاننىڭ ئوردىسىدا، بېشىغا سەللە ئورىغان ئۆلىمالار دۆلەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرەتتى؛ ئالىمنىڭ سىياسى پاراسىتى بىلەن جەڭچىنىڭ (مورو خەنجىرى) قىلىچى بىرلىشىپ، بۇ دۆلەتلەرنى پەقەت قىلىچنىڭ كۈچى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىلىم ھېكمەت ۋە ئادالەت بىلەن ئىدارە قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى دېڭىز شامىلىدا لەپىلدىگەندە، ئۇ پەقەت بىر ھۆكۈمرانلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنىڭ، ئاللاھقا بولغان ئىتائىتىنىڭ ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئۆلمەس قەسەمىنىڭ نامايەندىسى ئىدى.
ئەمما، 1521-يىلى، يىراق ئۇپۇقتا بىر قارا كۆلەڭگە، بىر ۋابا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇلار — تەنلىرى ئاق، ئەمما قەلبى قارا، كۆزلىرى ئالتۇنغا ۋە قۇللارغا تويمايدىغان يېڭى بىر خەۋپ ئىدى. ئۇلارنىڭ قىلىچىغا ئويۇلغان كرېست، ئېغىزلىرىدىكى «تەڭرى» دېگەن سۆزلىرى — پەقەت ئۇلارنىڭ ۋەھشىي نىيەتلىرىنى يوشۇرىدىغان بىر نىقاب ئىدى. ئۇلارنىڭ كاتتا كېمىلىرى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە پەقەتلا توپ-زەمبىرەك ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر مەدەنىيەتنى يوقىتىشنى، مەسچىتلەرنى چېركاۋغا ئايلاندۇرۇشنى، ئەزان ئاۋازىنى قوڭغۇراق ئاۋازىغا ئالماشتۇرۇشنى نىشان قىلغان زەھەرلىك بىر ئىدېئولوگىيەنى ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. ئېغىزىدا خۇدا، قەلبىدە شەيتان، قولىدا قىلىچ بولغان بۇ گۇرۇھ ئىنسانىيەتكە قارشى ئەڭ چوڭ جىنايەتنى ئېلىپ كېلىۋاتاتتى.
ئىسپانىيەنىڭ ساۋۇت كىيگەن ئەسكەرلىرىنىڭ پۇتى بۇ مۇبارەك تۇپراققا دەسسىگەندە، ئۇلار يەرلىك خەلقنىڭ ئىمانىدىن ھەم ھەيران قېلىشتى، ھەم قەلبى ئۆچمەنلىككە تولدى. ئۇلار ئەسىرلەر بويى ئۆز زېمىنى بولغان ئەندەلۇستا ئۇرۇش قىلغان، ئۆزلىرىدىن مەدەنىيەتتە نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلارنى — يەنى «مورلار»نى ئەسلەپ، بۇ يېڭى دۈشمەنلىرىگىمۇ ھاقارەت ۋە كەمسىتىش بىلەن شۇ نامنى چاپلىدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ زېمىننىڭ ئەركىن مۇسۇلمانلىرى، تاجاۋۇزچىنىڭ تىلىدا «مورولار» غا ئايلاندى. بۇ — پەقەت بىر ئىسىم ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئۇرۇلغان، ئۇلارنى تارىختىن سۈپۈرۈپ تاشلاشنى نىشان قىلغان بىر تامغا ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ جاپالىق ۋە ئەڭ شەرەپلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى باشلاندى. 333 يىل! ئۈچ ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت! بۇ بىر دەۋر ئەمەس، بىر تارىخ ئىدى! بۇ جەرياندا ئىسپانىيە پۈتۈن فىلىپپىننى بويسۇندۇردى، ئەمما مورولارنىڭ زېمىنى ئۇلارنىڭ گېلىغا تىقىلىپ قالغان بىر تىكەنگە ئايلاندى. ئۇلار بۇ تىكەننى سۇغۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئون قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ كۆلەملىك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىق ھەربىي يۈرۈش قىلدى، ئەمما ھەر قېتىمدا بۇ خەلقنىڭ پولات ئىرادىسىگە، ئۆلۈمدىن قورقماس جاسارىتىگە ۋە جاڭگاللىقنى ئۆز ئۆيىدەك بىلىدىغان جەڭ ماھارىتىگە ئۇچراپ، قانلىق مەغلۇبىيەت بىلەن قايتتى.
بۇ ئۇزۇن ئۇرۇش سەھنىسىدە سان-ساناقسىز قەھرىمانلار چاقنىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئىسىم بار ئىدىكى، ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغاندا ئىسپانىيە گېنېراللىرىنىڭمۇ ئۇيقۇسى بۇزۇلۇپ، يۈرىكىگە تىترەك چۈشەتتى. ئۇ — ماگۇينداناۋنىڭ يولۋىسى، سۇلتانلىقلار بىرلىكىنىڭ پولات سىمۋولى، 1619-يىلىدىن 1671-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغ سۇلتان مۇھەممەد دىپاتۇئان كۇدارات ئىدى!
سۇلتان كۇدارات پەقەتلا قولىدا خەنجىرى چاقناپ تۇرىدىغان باتۇر جەڭچى ئەمەس، بەلكى كۆزلىرى بۈركۈتتەك ئۆتكۈر، دۈشمەننىڭ يۈرىكىدىكىنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان بىر ئىستراتېگىيەچى، سۆزلىرى بىلەن دۈشمەن سېپىدە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرالايدىغان ماھىر بىر دىپلومات ۋە ھەر بىر ھەرىكىتىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىدىغان ئىمانى كامىل بىر مۇسۇلمان ئىدى. ئۇ، ئۆمۈر بويى بىر-بىرىنىڭ قېنىنى ئىچىپ كەلگەن قەبىلىلەرنىڭ ئۆزئارا كىچىك دۈشمەنلىكلەرنى تاشلاپ، پۈتۈن مىللەتنى يۇتۇۋېلىشقا كەلگەن ئورتاق ئەجدىھاغا قارشى بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان تۇنجى رەھبەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئوتلۇق نۇتۇقلىرى مەسچىتلەردە ياڭرىغاندا، قەبىلە باشلىقلىرى ئۆز قىلىچلىرىنى بىر-بىرىگە ئەمەس، ئىسپانىيەگە قارىتىپ قەسەم ئىچەتتى.
بىر قېتىم، ئىسپانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەزەلدىن قوللىنىپ كەلگەن رەزىل تاكتىكىسى بىلەن بەزى قەبىلە باشلىقلىرىنى ئالداپ، ئۇلارغا ئالتۇن ۋە ئەمەل ۋەدە قىلىپ، ئۆز تەرىپىگە تارتماقچى بولغاندا، سۇلتان كۇدارات ئۇلارنى يىغىپ، تارىخقا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن ئويۇلغان مۇنۇ سۆزلەرنى قىلغان ئىدى:
«ئەي غاپىللار! سىلەر نېمە قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ كۆزۈڭلارنى ئىسپان ئالتۇنلىرىنىڭ يالتىرىقى قاپلىدىمۇ؟ قۇلىقىڭلار ئۇلارنىڭ تاتلىق سۆزلىرىگە ئالداندىمۇ؟ شۇنى ئويلىمامسىلەر، ئۇلارغا بويسۇنۇشنى قوبۇل قىلغانلىق — زۇلۇمنىڭ زەنجىرىنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن بوينۇڭلارغا سالغانلىق ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سىلەرگە باغ ۋەدە قىلىپ، سىلەرنى قۇللۇقنىڭ زىندانىغا سۆرەيدۇ! ئۇلار بىزنى بىر-بىرىمىزگە دۈشمەن قىلىپ، ئاندىن ھەممىمىزنى ئىتتەك قۇل قىلماقچى. قاراڭلار، مەن سىلەرگە نېمە بېرەلەيمەن؟ مەن سىلەرگە ئالتۇن-كۈمۈش، ئەمەل-مەنسەپ ۋەدە قىلالمايمەن. ئەمما مەن سىلەرگە ئەجدادلىرىڭلار سىلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭ ئۇلۇغ مىراسنى ، شەرەپنى، ئىززەتنى ۋە ئازادلىقنى ۋەدە قىلىمەن! تاللاڭلار! ئۆز ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇبارەك تۇپرىقىدا قۇلدەك خارلىنىپ ياشامسىلەر ياكى ئازاد ئىنساندەك جەڭ قىلىپ، شەرەپ بىلەن ئۆلۈپ، ئاللاھنىڭ ئالدىغا شەھىد بولۇپ بارامسىلەر؟!»
بۇ سۆزلەر — ئاددىي سۆزلەر ئەمەس ئىدى، غەزەپكە تولغان، ئىمان بىلەن سۇغىرىلغان بۇ سۆزلەر ئوقياغا ئايلىنىپ، غاپىل قەلبلەرگە سانجىلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، بۇ زېمىن ئىسپانىيە ئۈچۈن بىر قەبرىستانلىققا ئايلاندى. ۋە ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار دۈشمەن بەرگەن ھاقارەت نامىنى ئۆزلىرىنىڭ شەرەپلىك بىرلشتۈرگۈچى بايرىقىغا ئايلاندۇردى. ئۇلار ئۆزلىرىنى پەخىرلەنگەن ھالدا «مورولار» دەپ ئاتاشقا باشلىدى. بۇ سۆز ئەمدى ئىسپان تىلىدىكى «كاپىر دۈشمەن» دېگەننى ئەمەس، بەلكى «تىز پۈكمەس مۇجاھىد»، «ئازادلىق جەڭچىسى» دېگەننى بىلدۈرىدىغان بولدى. ئۇلار دۈشمەننىڭ زەھىرىنى سۈمۈرۈپ، ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇۋۋەت دورىسىغا ئايلاندۇردى!
ئىسپانىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى باشلانغان بۇ جىھادتا دادىسىنىڭ قولىدىن چۈشكەن قالقان – قىلىچنى ئوغلى ئالاتتى، ئاكىسى شەھىد بولغان سەپكە ئىنىسى يۈگۈرەتتى. 300 يىلغىچە ھەر بىر ئەۋلاد ئۆزىدىن كېيىنكى ئەۋلادقا ئىككىلا نەرسىنى مىراس قالدۇردى: بىرى، قەلبىنى نۇرلاندۇرىدىغان قۇرئان كەرىم؛ يەنە بىرى، دۈشمەنگە قارشى قىلىچ، يەنى ئىشغالىيەتكە قارشى ئۆچمەنلىك، تىز پۈكمەس جىھاد روھى. ئاخىرىدا، 1898-يىلى، دۇنيانى تىترىتىپ تۇرغان ئىسپانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇياشى پاتتى. ئۇلار بۇ يېڭىلمەس مىللەت ئالدىدا ئاجىز كېلىپ، تارىخنىڭ مەسخىرىسى ئىچىدە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما زۇلۇمنىڭ بىر كېچىسى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، يېڭى، تېخىمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ زامانىۋى ۋە تېخىمۇ رەھىمسىز بىر ئالۋاستىنىڭ كۆلەڭگىسى يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە ئىدى…
داۋاملىشىدۇ….
________________________________________
قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: بىرىنچى قىسىمدىن روھىمىزغا ئويۇلىدىغان ئالتە مەشئەل
بىرىنچى مەشئەل: بىز بۆلگۈنچى ئەمەس، ئۆز ئۆيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ۋارىسلارمىز!
خىتاي ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ھىمايىچىلىرى بىزنى «بۆلگۈنچى»، «ئاشقۇن» دەپ ئاتايدۇ. ئەمما مورو داستانىنىڭ بۇ تۇنجى بېتى بىزگە شۇ ھەقىقەتنى پولاتتەك ئاۋازدا ياڭرىتىدۇ: بىز بىر دۆلەتتىن بۆلۈنۈپ چىقماقچى بولغان توپىلاڭچىلار ئەمەس، بەلكى تارىختىن بۇيان ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان، دۈشمەن تەرىپىدىن مەجبۇرىي بېسىۋېلىنغان زېمىننىڭ قانۇنلۇق ۋارىسلىرىمىز! دۈشمەن بىزنىڭ ئۆيىمىزگە باستۇرۇپ كىرىپ، بىزنى ئۆز ئۆيىمىزدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. مورولارنىڭ سۇلتانلىقلىرى بولغاندەك، بىزنىڭمۇ قاراخانىيلاردىن سەئىدىيە خانلىقىغىچە شانلىق ئىسلامىي دۆلەتلىرىمىز بولغان. بۇ تارىخىي ھەقىقەت — بىزنىڭ كۈرىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم قانۇنىي ۋە ئىمانىي ئاساسىدۇر. بىز دۈشمەندىن رەھىم-شەپقەت تىلىمەيمىز، بىز ئۆز ئۆيىمىزنى، ئۆز مىراسلىرىمىزنى، ئۆز شەرىپىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى تەلەپ قىلىمىز!
ئىككىنچى مەشئەل: ئىمان — مىللەتنىڭ روھىي قورغىنىدۇر!
مورولار ئۈچۈن ئىسلام پەقەتلا بىر دىن ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ ۋە بىرلىكىنىڭ يادروسىغا، روھىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇلارنى 400 يىل يېڭىلمەس قىلغان كۈچ — دەل ئەنە شۇ مۇستەھكەم ئىمان قورغىنى ئىدى. بىر مىللەت تىلىنى يوقىتىپ قويۇپ، قايتىدىن تىلىنى تاپالىشى مۇمكىن، ئەمما ئىمانىنى يوقاتقان مىللەت ئۆز روھىنى يوقاتقان بولىدۇ. خىتاي بىزنىڭ تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۈپ نىشانى — قەلبىمىزدىكى ئىماننى ئۆچۈرۈشتۇر. چۈنكى ئۇلار ئىمانى بار بىر مىللەتنىڭ ھەرگىز تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئىمانىمىزنى قوغداش — ۋەتىنىمىزنى قوغداشنىڭ ئاساسلىق شەرتى ۋە ئەڭ مۇستەھكەم ئاساسىدۇر!
ئۈچىنچى مەشئەل: ھەقىقىي مۇستەقىللىق — دۈشمەن بەخش ئەتكەن ئاپتونومىيە ئەمەس!
سۇلتانلىقلارنىڭ ئۆز قانۇنى، ئۆز ئارمىيەسى، ئۆز ئىقتىسادى بار ئىدى. ئۇلار ھەقىقىي مۇستەقىللىقنىڭ تەمىنى تېتىغان، ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئىدى. دۈشمەن تەرىپىدىن بېرىلگەن ھەر قانداق «ئاپتونومىيە»، «ئېتىبار بېرىش سىياسىتى» — قۇللۇقنىڭ ئالتۇن زەنجىر بىلەن كىشەنلەنگەن يەنە بىر شەكلىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا مورو مۇسۇلمانلىرىدا «قەپەس ئىچىدىكى يولۋاسقا ياخشى گۆش بېرىلسىمۇ، ئۇ ئەمدى يولۋاس ئەمەس» دەيدىغان مەشھۇر سۆز بار. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نىشانىمىزمۇ ھەرگىز دۈشمەننىڭ قەپىسى ئىچىدە بىر ئاز كەڭرەك نەپەس ئېلىش ئەمەس، بەلكى ئۇ قەپەسنى پارە-پارە قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل سىستېمىمىزنى قۇرۇپ، ئۆز تەقدىرىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە بولۇشتۇر!
تۆتىنچى مەشئەل: كۈرەشنىڭ نامىنى توغرا قويۇش — غايىنىڭ روھىنى ساقلاش!
مورولار ئۈچۈن بۇ ئۇرۇش ھەرگىز بىر «مىللىي توقۇنۇش» ياكى «يەر تالىشىش» ئەمەس ئىدى. ئۇلار بۇنى ئېنىق قىلىپ «جىھاد فى سەبىلۇللاھ» — ئاللاھ يولىدىكى كۈرەش دەپ ئاتىدى. بۇ ئېنىق ئىسىم، ئۇلارنىڭ كۈرىشىنى دۇنياۋى مەنپەئەتلەردىن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇقەددەسلىك ۋە مەنىۋى كۈچ بەخش ئەتتى. بىزنىڭمۇ كۈرىشىمىزنى دۇنياغا «كىشىلىك ھوقۇق» ياكى «مەدەنىيەتنى قوغداش» دەپلا چۈشەندۈرۈش — ئۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىمانىي يادروسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ. بىز بۇ كۈرەشنىڭ بىر ئازادلىق كۆرۈشى، ئاللاھ ئالدىدىكى بۇرچىمىز، ئىمانىمىزنىڭ سىنىقى ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتىمىز ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك.
بەشىنچى مەشئەل: بىرلىك — غەلىبىنىڭ بىرىنچى شەرتى!
سۇلتان كۇداراتنىڭ ئەڭ بۈيۈك تۆھپىسى — ئۆزئارا دۈشمەن قەبىلىلەرنى بىر بايراق ئاستىغا يىغىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرەلىگەنلىكىدۇر. دۈشمەننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاكتىكىسى — بىزنى «ئۇ گۇرۇپپا، بۇ گۇرۇپپا» دەپ پارچىلاش، بىر-بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقىتىشتۇر. بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ھەر قانداق ئىختىلاپ، ھەر قانداق گۇرۇپپىۋازلىق — دۈشمەنگە ئېتىلغان ئوقنىڭ ئۆز يۈرىكىمىزگە قايتىپ كېلىپ سانجىلىشىدۇر.
ئالتىنچى مەشئەل: دۈشمەننىڭ ھاقارىتىنى غۇرۇرغا ئايلاندۇرۇش!
ئىسپانلار ئۇلارنى كەمسىتىپ «مورو» (كاپىر دۈشمەن) دەپ ئاتىدى. ئەمما ئۇلار بۇ ھاقارەت ئالدىدا يىغلاپ يۈرمىدى. ئەكسىچە، بۇ ئىسىمنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭىلمەس روھىنىڭ، بىرلىكىنىڭ ۋە جىھادىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇردى. بۇ، بىز ئۈچۈن چوڭقۇر بىر دەرس، دۈشمەن بىزگە مەيلى قانداق تامغا باسسا باسسۇن، «تېررورچى» دېسۇن، «بۆلگۈنچى» دېسۇن، مەيلى قانداق ھاقارەت ياغدۇرسا ياغدۇرسۇن، بۇ بىزنى مەيۇسلەندۈرىدىغان، ئۆز ئارا بىر بىرىمىزدىن قاچىدىغان ئاڭسىزلىقنىڭ ئامىلىغا ئەمەس، دۈشمەننىڭ ھاقارىتىنى ئۆزىمىزگە شەرەپ مېداليونى بىلىپ، غەزىپىمىزنى تاۋلايدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى كىم ئىكەنلىكىمىزنى سۆز ۋە قۇرۇق شۇئار بىلەن ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىسپاتلىيالىشىمىزغا تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق يادروغا ئايلاندۈرالىشىمىز لازىم. دۈشمەننىڭ زەھەرلىك ئوقىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنى ئۆز قولىمىزدىكى قىلىچقا ئايلاندۇرىدىغان ئىرادە بولغاندىلا، بىز ھەقىقىي كۈچكە ئىگە بولالايمىز.
________________________________________
ئەمدى بۇ مەشئەللەرنىڭ يورۇقىدا ئۆزىمىزگە قويۇشقا ۋە جاۋاب تېپىشقا تېگىشلىك سوئاللار:
بىرىنچى سوئال: بىز ئۆزىمىزنى شانلىق ئىسلامىي دۆلەتلەرنىڭ ۋارىسلىرى دەپ جاكارلايمىز، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن خەلقئارا سەھنىلەردىكى سۆزلىرىمىز ۋە ھەرىكەتلىرىمىز كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز ئۆيىنىڭ ئىگىسىدەك ئەمەس، بەلكى بىر دۆلەتتىن رەھىم-شەپقەت تىلەۋاتقان «ئاجىز ئاز سانلىق» قا ئوخشاپ قالىدۇ؟ قەلبىمىزنىڭ يوشۇرۇن بۇرجىكىدە دۈشمەننىڭ «بۆلگۈنچى» دېگەن تامغىسىنى ئۆزىمىزمۇ قوبۇل قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىۋاتامدۇق قانداق؟
ئىككىنچى سوئال: بىز ئىمانىمىزنى ئەڭ مۇستەھكەم قورغىنىمىز دەيمىز. دۈشمەن ۋەتىنىمىزدە مەسچىت-مەدرىسەلەرنى چېقىپ، بۇ قورغاننىڭ تېمىنى يىمىرىۋاتقان بولسا، مۇھاجىرەتتىكى بىزلەرچۇ؟ بىز ئۆزىمىزنىڭ غەپلەتلىرى، دۇنياۋى ھەشەمەتكە بېرىلىشلىرىمىز بىلەن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبى بىلەن ئىمان ئوتتۇرىسىغا كۆرۈنمەس سېپىل سوقۇۋاتقانلىقىمىزنى قاچان ھېس قىلىمىز؟ فىزىكىلىق مەسچىتنى چېقىۋاتقان دۈشمەن تېخىمۇ خەتەرلىكمۇ ياكى كېيىنكى ئەۋلادنىڭ قەلبىدە مەنىۋى مەسچىت قۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئاتالمىش دىنسىز زىيالىلىرىمىزمۇ؟
ئۈچىنچى سوئال: مورولار قەپەس ئىچىدىكى يولۋاسنىڭ يولۋاس ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. بىز غەرب دۆلەتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا، ئۆزىمىزمۇ بىلمىگەن ھالدا، مۇتلەق مۇستەقىللىق دېگەن ئالىي غايىمىزنى دۈشمەن بېرىدىغان «كەڭرەك قەپەس»، «ياخشىراق يەم» گە ئالماشتۇرۇپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىزمۇ قانداق؟ «قانداقلا بولمىسۇن بىرەر قوللاشقا ئېرىشەيلى» دېگەن ھايانكەشلىك، قاچاندىن بېرى مۇقەددەس غايىمىزنى زەھەرلەشكە باشلىدى ئويلىنىپ باقتۇقمۇ؟
تۆتىنچى سوئال: بىز «جىھاد» سۆزىدىن قورقىدىغان دۇنياغا ئۆزىمىزنى ياخشى كۆرسىتىش ئۈچۈن، مۇقەددەس كۈرىشىمىزنىڭ ئىمانىي يادروسىنى ئاجىزلىتىپ، ئۇنى پەقەتلا بىر «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» گە ئايلاندۇرۇوپ قويۇۋاتامدۇق، قانداق؟ باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھېكايىمىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مورولارنى 400 يىل يېڭىلمەس قىلغان ۋە غەلىبىنىڭ ھەقىقىي مەنبەسى بولغان ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن (نۇسرەتتىن) مەھرۇم قېلىۋاتقان بىز ئۆزىمىزمۇ؟
بەشىنچى سوئال: سۇلتان كۇدارات بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرگەن قەبىلىلەرنى ئورتاق دۈشمەنگە قارشى بىر سەپكە تىزغان ئىدى. بىزچۇ؟ بىز تېخىمۇ ۋەھشىي، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان تۇرۇقلۇق، ھېلىھەم تەشكىلات بايرىقىنى، مەھەللىۋازلىقنى ۋە شەخسىي مەنپەئەتنى مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىدىن ئۇستۇن قويۇۋاتىمىز. ئۆزىمىزدىن سەمىمىي سوراپ باقايلى: بۈگۈن مىللەتنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن، بىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزدا نېمىلەرنىڭ ئۆلۈشى كېرەك؟
ئالتىنچى سوئال: دۈشمەن بىزگە «تېررورچى» دەپ ھاقارەت تامغىسىنى باسقاندا، بىز ئالدىراپ-تېنەپ ئۆزىمىزنىڭ «مۆتىدىل» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنامدۇق ياكى مورولاردەك بۇ نامنىڭ پەقەت ئازادلىق جەڭچىلىرى ئۈچۈن بىر شەرەپ نىشانى ئىكەنلىكىنى، غايىمىزنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى جاكارلىشىمىز كېرەكمۇ؟ دۈشمەننىڭ تۆھمىتىدىن شۇنچىلىك قورقۇپ، ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزنى تىزگىنلەپ، ئارىمىزدىكى ئەڭ جاسارەتلىك ئاۋازلارنى بوغۇپ، دۈشمەن ئارزۇ قىلغان «يۇۋاش»، «زىيانسىز» قۇللارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بىز ئۆزىمىزمۇ قانداق؟
2 – باب: بۈركۈتنىڭ سايىسىدىكى زەھەرلىك ھەسەل ۋە قانلىق سەجدىگاھ
ئۈچ ئەسىرگىچە جىھاد بايرىقى يەرگە چۈشمىگەن ۋە ئىسپانىيە ئىشغالىيىتىنىڭ قانلىق ئاياقلىرى ئاستىدا ئۈچ ئەسىر ئېزىلگەن بۇ مۇبارەك زېمىن 1898-يىلى نىھايەت بىر دەم بولسىمۇ ئەركىن نەپەس ئالغاندەك بولدى. زالىمنىڭ مەغلۇب بايرىقى تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا تاشلانغاندا، مۇجاھىدلارنىڭ قىلىچىدىن تامچىغان قانلار يەرگە سىڭىپ، ئۈمىد گۈللىرىنى ئۈندۈرگەندەك قىلاتتى. بەلكىم ئۇلار، «ئەمدى يېتەر! بىر زۇلۇم دەۋرى ئاخىرلاشتى، ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ سۇلتانلىقىنى قايتا قۇرىمىز، مەسچىتلىرىمىزنىڭ مۇنارلىرىدىن يەنە ئەركىن ئەزان سادالىرى ياڭرايدۇ» دەپ، ياشلىق كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ شۈكۈر سەجدىسى قىلغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما ئەپسۇس! تارىخنىڭ ئۇلارغا كۆرسىتىدىغان رەھىمسىز ئويۇنى تېخى تۈگىمىگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتلىق ئازادلىقنىڭ قۇياش پېتىشتىن بۇرۇنقى ئالدامچى بىر شەپەق نۇرى ئىكەنلىكىنى ئۇلار نەدىنمۇ بىلسۇن؟!
ئۇپۇقتا يېڭى بىر كۆلەڭگە پەيدا بولدى. بۇ، ئىسپانىيەنىڭ كونا، دات باسقان ياغاچ كېمىلىرىگە ئوخشىمايتتى. بۇ پولاتتىن ياسالغان، مورىلىرىدىن دوزاخنىڭ قارا ئىس – تۈتەكلىرىنى پۈركۈپ، ئوكياننى تىترىتىپ كېلىۋاتقان ھەيۋەتلىك ئالۋاستىلار ئىدى. ئۇلارنىڭ بايرىقىدا قانلىق كرېست ئەمەس، يۇلتۇزلار ئارىسىدا پولات تىرناقلىرىنى يۇمران پەرلىرى ئارىسىغا يوشۇرغان رەھىمسىز بىر بۈركۈتنىڭ سۈرىتى بار ئىدى. بۇ بۈركۈتنىڭ نامى ئەركىنلىك تونىغا ئورىنىۋالغان ۋە يالغان دېموكراتىيەنىڭ نامايەندىسى ئامېرىكا ئىدى!
ئۇلارنىڭ كېلىشى ئىسپانلاردەك قوپال ۋە ۋەھشىي بولمىدى. ئۇلار تېخىمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ رەزىل ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر قولىدا زەمبىرەك، يەنە بىر قولىدا روھنى قۇل قىلىدىغان «مۇقەددەس كىتاب» ۋە شېكەرگە ئورالغان زەھەرلىك ۋەدىلەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ گېنېراللىرى مورو رەھبەرلىرىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى: «بىز سىلەرنى بويسۇندۇرغىلى ئەمەس، ئازاد قىلغىلى كەلدۇق! سىلەر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز! بىز سىلەرنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ نۇرىغا ئېلىپ بارىمىز»
ئۇلارنىڭ «خەيرىخاھلىق بىلەن ئۆزلەشتۈرۈش» (Benevolent Assimilation) دەپ ئاتالغان سىياسىتى، ئەسلىدە ئىچىدە ئۆلۈم زەھىرى بىلەن تولغان بىر قاچا زەھەرلىك ھەسەلگە ئوخشايتتى.
1899 – يىلى، بۇ شەيتانىي ھىيلىنىڭ تۇنجى پەردىىسى ئېچىلدى. ئامېرىكا گېنېرالى جون بەيتىس سۇلۇ سۇلتانى 2 – جامالۇل كىرامنىڭ ئالدىدا مۇقەددەس قۇرئاننى قويۇپ تۇرۇپ قەسەم ئىچتى. تارىختا «بەيتىس كېلىشىمى» دەپ لەنەتلەنگەن بۇ رەزىل قەغەزگە ئىمزا قويۇلدى. ئۇلار «مورولارنىڭ دىنىغا، مەسچىتىگە، شەرىئىتىگە، ئىچكى مۇستەقىللىقىغا ھەرگىز ۋە قەتئىي ئارىلاشمايمىز» دەپ قەسەم بەردى.
ئەمما ھەممە رەھبەرنىڭ كۆزىنى بۇ يالتىراق ۋەدىلەرنىڭ پارلىشى كور قىلىپ قويمىغان ئىدى. 300 يىللىق جىھاد بىلەن تاۋلانغان، دۈشمەننىڭ كۆزىدىكى ھىيلىنى يۈرىكىدىكى ئىمان مەرىپىتى بىلەن كۆرۈپ تۇرالايدىغان بىر يولۋاس بار ئىدى. ئۇ ماگۇينداناۋنىڭ قەيسەر ئوغلانى داتۇ ئەلى ئىدى. ئۇ باشقا سۇلتانلارنى يىغىپ، يۈرىكىدە سەزگەن ئاچچىق ھەقىقەتلەرنى ئاڭلاتتى:
«ئەي غاپىل قېرىنداشلىرىم! كۆزۈڭلارنى ئېچىڭلار! ئىسپان يولۋىسىنىڭ قانلىق تىرنىقى ئوچۇق ئىدى، بىز ئۇنىڭ نىيىتىنى كۆرۈپ تۇراتتۇق. ئەمما بۇ ئامېرىكا بۈركۈتى، تىرنىقىنى يۇمران پەرلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ‹ئەركىنلىك› دەپ سايرىشىغا ئىشەنمەڭلار! ئۇ بىزنى تىنچلاندۇرۇپ، قولىمىزدىكى قىلىچنى داتلاشتۇرۇپ، ئاندىن بىزنى بىر-بىرلەپ يۇتماقچى! ئۇلارنىڭ قۇرئاننى تۇتۇپ ئىچكەن قەسىمى، سۇ ئۈستىگە يېزىلغان خەتتۇر، قۇياش نۇرىدا پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ! ھەقىقىي مۇستەقىللىق قەغەزدە ئەمەس، قىلىچنىڭ بىسىدا، ئىماننىڭ كۈچىدە بولىدۇ!»
ئەپسۇس، بۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالغانلار ئاز بولدى. داتۇ ئەلى ھەقلىق ئىدى. ئامېرىكا پۈتۈن فىلىپپىننى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، 1904-يىلى، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي، قانخور چىرايىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلار «بەيتىس كېلىشىمى» نى بىر تال ئەخلەت قەغەزدەك يىرتىپ تاشلىدى. «مېھىر-شەپقەت» نىقابى يىرتىلىپ، ئورنىغا زۇلۇمنىڭ مۇزدەك چىرايى كۆرۈندى. ئۇلار مورولاردىن ئەجدادلىرىدىن مىراس قالغان، شەرىپىنىڭ، غۇرۇرىنىڭ سىمۋولى بولغان خەنجەرلىرىنى تاپشۇرۇشنى بۇيرىدى.
بۇ بىر بۇيرۇق ئەمەس ئىدى. بۇ، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىغا قىلىنغان ئەڭ رەزىل ھاقارەت، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن ئۆز غۇرۇرىنى بوغۇزلاشقا چاقىرغان بىر نومۇس ئىدى. بىر مورو ئۈچۈن قورال تاپشۇرۇش، شەرىپىنى تاپشۇرۇش، كىملىكىدىن ۋاز كېچىش، روھىنى دۈشمەنگە ساتقانلىق ئىدى! داتۇ ئەلى بۇ پەسكەشلىككە «ياق!» دەپ، قايتىدىن جىھاد بايرىقىنى كۆتۈردى.
بۇ «ياق!» دېگەن بىر ئېغىز سۆز، پۈتۈن مورو زېمىنىنى قايتىدىن لەززىگە سالدى. 1906-يىلى 3-ئايدا، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ قارا، ئەڭ نومۇسلۇق سەھىپىلىرىدىن بىرى يېزىلدى. مىڭغا يېقىن مورو ئاق ساقال بوۋايلار، قورسىقىدىكى بالىسىنى قوغداشقا ئۇرۇنغان ئانىلار، ئانىسىنىڭ كۆينىكىگە يوشۇرۇنغان بوۋاقلار ۋە ئۆلۈمدىن قورقماس جەڭچىلەر … ئامېرىكا زۇلۇمىدىن قېچىپ، سۇلۇ ئارىلىدىكى بود داجو يانار تېغىنىڭ ئۆچكەن ئېغىزىغا، ئەركىنلىكنىڭ ئاخىرقى قورغىنىغا بېرىپ پاناھلاندى. بود داجو ئۇلار ئۈچۈن پەقەت بىر تاغ ئەمەس، بەلكى ئاسمانغا ئەڭ يېقىن جاي، ئاللاھقا يالۋۇرىدىغان مۇقەددەس بىر سەجدىگاھ ئىدى.
ئامېرىكا گېنېرالى لېئونارد ۋۇد قوماندانلىقىدىكى 800 كىشىلىك، ئەڭ زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان قانخور ئەسكەرلەر بۇ تاغنى قورشاۋغا ئالدى. ئۇلارنىڭ زەمبىرەكلىرى ئاسمانغا قاراپ ھۆركىرىدى، پىلىموتلىرى ئۆلۈمنىڭ سوغۇق ۋەھىمىسىنى چاچماقتا ئىدى. تاغ چوققىسىدىكى مورو خەلقىنىڭ قولىدا بولسا، پەقەتلا كونا خەنجەرلەر، نەيزىلەر ۋە يۈرىكىدە ئاللاھقا بولغان سۇنماس ئىمانىلا بار ئىدى.
ئامېرىكىلىقلار زەمبىرەكلىرى بىلەن توپقا تۇتۇشنى باشلىغاندا، تاغ تىترەپ كەتتى، ئاسماننى قارا ئىس ۋە ئىنسان گۆشىنىڭ كۆيگەن ھىدى قاپلىدى. ئەمما ئۇ ئىس-تۈتەك ئارىسىدىن، زەمبىرەك ئاۋازىنى يېرىپ ئۆتىدىغان بىر سادا ئاڭلاندى: «ئاللاھۇ ئەكبەر!»
بۇ بىر ئۇرۇش ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىدى. مورو ئەرلىرى، ھەتتا ئاياللىرى ۋە ياش ئۆسمۈرلىرىمۇ قوللىرىدىكى خەنجەرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پىلىموت ئوقلىرىنىڭ يامغۇرىغا قارشى، ئۆلۈمگە قاراپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇلار يىقىلدى، ئەمما تىز پۈكمىدى. ئۇلار ئۆلدى، ئەمما تەسلىم بولمىدى.
ئۈچ كۈندىن كېيىن، تاغ قانلىق بىر جىمجىتلىققا چۆمدى. مىڭغا يېقىن ئىنساندىن پەقەت 6 ئادەملا ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدا يوشۇرۇنۇپ تىرىك قالغان ئىدى. قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ پارە-پارە بولۇپ كەتكەن جەسەتلىرى ئۈستىدە كۈلۈپ، غەلىبە سىگارىتىنى چېكىپ تۇرۇپ چۈشكەن سۈرەتلەر… ۋەھشيلىكنىڭ ئۆچمەس خاتىرىسى بولۇپ تارىخ بەتلىرىگە پۈتۈلدى. ئۇلار بۈركۈتنىڭ «مەدەنىيەت» ۋەدىسىنىڭ قانچىلىك ساختىلىقىنى، ئۇلارنىڭ «خەيرىخاھلىق» نىقابى ئاستىدىكى ۋەھشىيلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئىسپاتلىدى. بۇ ۋەقەلەر ئۇيغۇرلارغىمۇ يات ئەمەس. خىتاي ئىشغالىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل يالغان باھانىلەر ئخقتىمائىي قاتلىئام قىلىشىنى، تەكلىماكان قۇملۇقلىرىغا كوللېكتىپ شەكىلدە كۆمۈلىشى، ھازىرقى چاغدا خىتاي لاگېرلاردا ئۈنتىنسىز قاتلى قىلىۋاتقانلار ۋە بۇ ئازابغا پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز يۇمۇپ، گاس بولۇۋېلىشى ئەينى ۋاقىتتىكى بود داجو تېغىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ پەقەتلا شەكى ئۆگەرتكەن نامايەندىسى ئىدى!
ئامېرىكىلىقلار شۇنى بىلمەيتتى: ئۇلار جەسەتلەرنى يوقىتالىغان بىلەن، روھنى ئۆلتۈرەلمەيتتى. بود داجودا تۆكۈلگەن ھەر بىر تامچە قان، يەرگە سىڭىپ يوقاپ كەتمىدى. بەلكى ئۇ قانلار كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە ئازادلىق ئۇرۇقىنى سۇغىرىدىغان مۇقەددەس بىر يامغۇرغا ئايلاندى. بۇ قەتلىئام مورولارنى قورقۇتقۇتۇشنىڭ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ غەزىپىنى ئۆچمەس بىر يالقۇنغا ۋە ئىرادىسىنى پولاتتتەك مۇستاھكەملىككە ئىگە قىلدى.
1933 – يىلى، يەنە بىر قېتىم بود باغساق تېغىدا، پانگلىما ھەسەن ئىسىملىك بىر جەسۈر قەھرىماننىڭ يېتەكچىلىكىدە، 5000 مورو مۇجاھىدى توپلىنىپ ئامېرىكانىڭ زامانىۋى ئارمىيەسىگە قارشى ئاخىرقى، ئەڭ شانلىق ئۇرۇشنى قىلدى. پانگلىما ھەسەن ئۆزى 30 يېرىدىن ئوق يەپ يىقىلغانغا قەدەر قولىدىكى قىلىچىنى تاشلىمىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۇنماس روھى ھەرگىز ئۆلمىدى. ئۇ روھ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالدى. بۇ قانلىق قىساس، بۇ شەرەپلىك رۇھ ھەر بىر مورولۇقنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس ئىز بولۇپ ئويۇلدى. جىھاد ئەمدى پەقەت بىر دىنىي ۋەزىپە ئەمەس، بەلكى ئاتا-بوۋىسىنىڭ قېنىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن ئېچىلگەن خۇسۇسىي بىر قەسەمگە، بىر شەرەپ مەجبۇرىيىتىگە ئايلانغان ئىدى.
قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: ئىككىنچى قىسىمدىن روھىمىزغا يېقىلىدىغان مەشئەل
يەتتىنچى مەشئەل: بۈيۈك دۆلەتلەرنىڭ ۋەدىسى، سېنىڭ قەبرەڭگە قويۇلىدىغان زەھەرلىك گۈلدۇر!
ئامېرىكا قۇرئاننى تۇتۇپ قەسەم ئىچتى، ئاندىن ئۇ قەسەمنى ئۆز ئەسكىرىنىڭ قانلىق ئاياقلىرى ئاستىدا دەسسىتىپ يىرتىپ تاشلىدى. بۇ تارىخىي خىيانەت قۇلىقىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ ئاچچىق بىر نىدانى ئەكس ئەتتۈرىدۇ: 1949-يىلى قىزىل ئەجدىھا ۋەتىنىمىزگە باستۇرۇپ كىرگەندە، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ زەھەرلىك ھەسەل تامچىپ تۇراتتى: «بىز سىلەرنى ئازاد قىلغىلى كەلدۇق! ئېتىقادىڭلارغا، مەدەنىيىتىڭلارغا ھۆرمەت قىلىمىز! تەكلىماكاننى بوستانغا ئايلاندۇرۇپ، سىلەرنى گۈللەندۈرگەندىن كېيىن چىقىپ كېتىمىز!». نەتىجە نېمە بولدى؟ بوستانلىرىمىز زىندانغا، خەلقىمىز قۇلغا، ۋەتىنىمىز قەبرىستانلىققا ئايلاندى! بۇ قانلىق ساۋاق بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى: خەلقئارا سىياسەت سەھنىسى بىر جاڭگاللىقتۇر، بۇ يەردە دوستلۇق يوق، پەقەتلا رەھىمسىز مەنپەئەت بار! بۈگۈن بىزگە «ھېسداشلىق» قىلىۋاتقان ھەر قانداق بۈيۈك دۆلەتنىڭ سۆزىگە ئىشىنىش، ئەجدەرھانىڭ ئاغزىغا بېشىڭنى تىقىپ، ئۇنىڭ ساڭا رەھىم قىلىشىنى كۈتكەنلىكتۇر. ھەقىقىي ئازادلىق ۋاشىنگتون ياكى ئەنقەرەنىڭ سارايلىرىدىن ئەمەس، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ پولات بىلىكى ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن كېلىدۇ!
سەككىزىنچى مەشئەل: روھنى قورالسىزلاندۇرۇش، مىللەتنى بوغۇزلاشنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر!
دۈشمەننىڭ مورولاردىن ئەڭ بىرىنچى تەلەپ قىلغىنى، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى تاپشۇرۇشى بولدى. چۈنكى ئىشغالچىلار بىر مىللەتنىڭ قولىدىكى قىلىچنى تارتىۋېلىشنىڭ، ئۇلارنىڭ روھىدىكى قارشىلىق ئىرادىسىنى سۇندۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىكەنلىكىنى ئىبلىستىنمۇ ياخشى بىلىدۇ. بۇ ھىيلە بىزگە شۇنچىلىك تونۇش! خىتايمۇ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، دەرھال قورال يىغمىدى. ئۇلار بەش يىلغا قەدەر خەلقنىڭ ئالدىدا قويدەك يۇۋاش قىياپەتكە كېرىۋېلىپ، «خەلققە خىزمەت قىلىش» نىقابى ئاستىدا ئۇلارنى ئۇخلىتىپ، مۇنتەزىم شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ئىچىدىكى قەيسەر ئوغلانلارنى، ۋەتەنپەرۋەر قوماندانلارنى بىر-بىرلەپ، مەخپىي سۇيىقەستلەر بىلەن يوقاتتى. مىللەتنىڭ پولات مۇشتىنى سۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا، ئۇلار ھەقىقىي ئەپتى – بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، پۈتۈن خەلقنىڭ قولىدىكى قوراللارنى يىغىۋېلىشقا باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ھىيلە تېخىمۇ رەزىللەشتى. دۈشمەن ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى مالايلىرى بىزنىڭ روھىمىزنى «مۆتىدىللىك»، «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش»، «تىنچلىقپەرۋەرلىك» دېگەن تاتلىق سۆزلەر بىلەن قورالسىزلاندۇرماقچى بولىدۇ. بىلىپ قويايلى! غەزىپىنى يوقاتقان ۋە قىساس ئېلىش روھىدىن ئايرىلغان مىللەت، قۇشخانىغا ھەيدىلىۋاتقان پادىدىن پەرقى يوقتۇر!
توققۇزىنچى مەشئەل: دۈشمەننىڭ «مەدەنىيىتى»، سېنىڭ ئەۋلادىڭنىڭ روھىغا سېلىنىدىغان كىشەندۇر!
ئامېرىكا «مەدەنىيەت» ئېلىپ كېلىش نامى بىلەن كىردى. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى — مورولارنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز ئەجدادلىرىدىن نومۇس قىلىدىغان، ئامېرىكىچە ئويلايدىغان روھسىز بىر مەخلۇققا ئايلاندۇرۇش ئىدى. بۇ رەزىل تاكتىكا خىتاينىڭ بىزگە قىلغىنىنىڭ ئوخشىشى ئەمەسمۇ؟ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» سەپسەتىسى بىلەن ئۇلار دىنىمىزنى «خۇراپاتلىق»، مەدەنىيىتىمىزنى «قالاقلىق» دەپ ئاياق ئاستى قىلىپ، ئىمانلىق بىر مىللەتنى دىنسىز كوممۇنىست بولۇشقا زورلىمىدىمۇ؟ بىلىڭلاركى، شۇ ۋاقىتتىكى بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بۈگۈنكى «كەسپىي تەربىيەلەش لاگېرى» نامىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى مەشىقى ئىدى! ئۇلار سېنىڭ تىنىڭنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئەمما سېنىڭ تەپەككۈرۈڭنى، قەلبىڭنى ئۆزگەرتىشنى خالايدۇ. قاچان بىز دۈشمەننىڭ ئىستىلاھلىرى (تېرمىنلىرى) بىلەن سۆزلەشكە، ئۇنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن ئويلىنىشقا باشلىساق، شۇ كۈن روھىي قۇللۇقنىڭ باشلانغان كۈنىدۇر!
ئونىنچى مەشئەل: شەھادەت، مەغلۇبىيەت ئەمەس، ئۆچمەس ئىنتىقامنىڭ مۇقەددەس ئۇرۇقىدۇر!
بود داجودا مىڭلىغان ئادەم شېھىت بولدى. ماددىي دۇنيانىڭ نەزىرىدە بۇ بىر پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتتۇر. ئەمما ئىماننىڭ نەزىرىدە، بۇ مەغلۇبىيەت ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى غەلىبىنىڭ ئۇرۇقىنىڭ چېچىلغانلىقىدۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇبارەك قېنى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدىكى ئازادلىق ئوتىنى ئەسىرلەر بويى لاۋۇللىتىپ تۇرىدىغان يېقىلغۇغا ئايلاندى. ئۇلار دۈشمەنگە شۇ ھەقىقەتنى پولاتتەك ئىرادىسى بىلەن ئىسپاتلىدى: سەن مېنىڭ تېنىمنى ئۆلتۈرەلەيسەن، ئەمما مېنىڭ غايەمنى، مېنىڭ روھۇمنى، مېنىڭ قىساسىمنى ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيسەن!
ئون بىرىنچى مەشئەل: دوست قىياپىتىدىكى ئىبلىس، ئوچۇق دۈشمەندىنمۇ خەتەرلىكتۇر!
مورولار ئىسپانىيەنىڭ ئوچۇق زۇلۇمىغا 300 يىل تاقابىل تۇردى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ «دوستلۇق» ۋە «ياردەم» نىقابى ئاستىدىكى ھىيلىسىگە ئالدىنىپ قالدى. بۇ خەيرىخاھ كۆرۈنگەن پەردىنىڭ ئارقىسىدىكى رەزىللىكنى كۆرەلمىدى. خۇددى بىز بىر زامانلار خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» دېگەن تاتلىق سۆزلىرىگە ئالدانغاندەك. بۇ بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، بىزگە «ياردەم» قىلىش نامى بىلەن كېلىپ، بىزنى مۇستەقىللىق غايىمىزدىن ۋاز كەچۈرگۈزىدىغان، «مۆتىدىل» بولۇشقا ئۈندەيدىغان، غايىمىزنى سۇيۇلدۇرىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى «دوستلار»دىن ئوچۇق دۈشمەندىنمۇ قاتتىقراق ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك!
ئون ئىككىنچى مەشئەل: خارلىنىپ مىڭ يىل ياشىغاندىن، شەرەپ بىلەن بىر كۈن ياشاپ ئۆلۈش ئەلادۇر!
بود داجودىكى قەھرىمانلار قورال تاشلاپ، خارلىنىپ ياشاشنى رەت قىلدى. ئۇلار ئۆلۈمنى تاللىدى، چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئۇنىڭ قانداق ياشانغانلىقى مۇھىم ئىدى. بۇ روھ، ھەر بىر ئازادلىق كۈرىشىنىڭ يۈرىكىدۇر. بىز ئۆزىمىزدىن ھەر كۈنى سورىشىمىز كېرەك: بىز مۇھاجىرەتتە پەقەت نەپەس ئېلىش ئۈچۈنلا ياشاۋاتقان بىر تىرىك جەسەت مۇ ياكى بىر غايە ئۈچۈن، ئانىمىزنىڭ قىساسى ئۈچۈن، ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جان بېرىشكە تەييار بولغان بىر ئازادلىق روھىمۇ؟
________________________________________
ئەمدى بۇ ئۆچمەس مەشئەللەرنىىڭ يورىقىدا ئۆزىمىزدىن سورايدىغان سوئاللار:
بىرىنچى سوئال: بىز غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىز ئۈچۈن قىزىل ئەجدىھا بىلەن ئۇرۇشۇپ بېرىشىنى كۈتۈپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر «قايغۇرۇش» باياناتى بىلەن ئاۋۇنۇپ، ھەقىقىي كۈچىمىزنىڭ مەنبەسى بولغان ئاللاھقا، ئىمان كۈچىمىزگە ۋە ئۆز بىلىكىمىزگە تايىنىشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىزمۇ قانداق؟
ئىككىنچى سوئال: بىز غەربنىڭ «زوراۋانلىققا قارشى تۈرش» ۋە «تىنچلىق» شۇئارلىرىدىن ئەيمىنىپ، قەلبىمىزدىكى خىتايغا بولغان ئۆچمەس ئۆچمەنلىكنى، قىساس ئېلىش روھىنى ئۆز-ئۆزىمىز «بوغۇپ»، دۈشمەننىڭ ئالدىدا زىيانسىز بىر ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قېلىۋاتىمىزمۇ قانداق؟
ئۈچىنچى سوئال: بىز پەرزەنتلىرىمىزنى ئىمان-ئېتىقادتىن ئۇزاق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ دىنىدىن، تىلىدىن ئۇزاقلىشىشىنى «تەرەققىيات» دەپ قاراپ، ئۆز قولىمىز بىلەن كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈرىۋاتامدۇق -يوق؟
تۆتىنچى سوئال: بىز لاگېرلاردا شەرەپ بىلەن جېنىنى بەرگەن شېھىدلىرىمىزنى پەقەت يىغلاپ ئەسلەش بىلەنلا كۇپايە قىلىۋاتامدۇق؟ ياكى بود داجو شېھىدلىرىنىڭ قېنى يېڭى مۇجاھىتلارنى ياشناتقاندەك، ئۇلارنىڭ قېنى بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى قورقۇنچنى يوقىتىپ، ئىرادىمىزنى پولاتتەك تاۋلاۋاتامدۇ؟
بەشىنچى سوئال: بىزگە «مۇستەقىللىقنى تىلغا ئالماڭلار، بولمىسا سىلەرگە ياردەم قىلالمايمىز» دەيدىغان «دوستلار»نىڭ سۆزىگە كىرىپ، غايىمىزدىن چېكىنىشىمىز، مورولارغا «قورالىڭلارنى تاپشۇرۇڭلار، سىلەرگە تىنچلىق بېرىمىز» دېگەن ئامېرىكانىڭ ھىيلىسىگە ئالدىنىشتىن نېمە پەرقى بولسۇن؟
ئالتىنچى سوئال: بىز مۇھاجىرەتتىكى «راھەت» ھاياتىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، خارلىنىپ ياشاشقا كۆنۈپ قېلىۋاتامدۇق قانداق؟ بود داجودىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش، شەرەپ ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، ئىمان ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىشكە تەييارلىقىمىز بارمۇ؟