ۋەسلىدىن ئۆزگە كېرەكمەس ماڭا جانان ئالدىدا
ئارزۇيۇم سەن ئېرۇرسەن تەن بىلەن جان ئالدىدا
بىرگۈلى رەنا ئېرۇرسەن باغۇ بوستان ئالدىدا
تا زىيارەت قىلـمىسام مەن سېنى ئىمكان ئالدىدا
يۈزلۈرۈم شەرمەندە بولسۇن تاڭلا سۇبھان ئالدىدا
* * * * * * * * * * * * *
دۇنياغا تەڭ ئەيلىمەيمەن تاغلىرىڭنىڭ تاشىنى
سېنى دەپ تاشقا قوشارمەن دۈشمىنىڭنىڭ باشىنى
سەن ئۈچۈن دەريا ئېقىتسام شۇم رەقىپلەر ياشىنى
مۇمكىن ئولغايمۇ كۆرۈشكە ئايغا ئوخشاش قاشىنى
قارا بەختىم ئاق بولاردى شۇندا رەھمان ئالدىىدا
* * * * * * * * * * * * *
ۋادەرىخا قايسى كۈندۇر شۇم رەقىپ باستى ئاياغ
سەن كەبى ھۆر نازىنىنلەر ئۈستىگە سالدى تاياق
مەن قۇچاغىڭدا تۇرۇپ تارتتىم ئەجەپ دەردى پىراق
نېمىتىڭ لەززەتلەرىدىن ئايرىلىپ قالدىم يىراق
بوينى باغلانغان مۈشۈكتەك ساڭدا چاشقان ئالدىدا
* * * * * * * * * * * * *
مەن بارۇرمەن ئەي نىگارىم سەن ئۈمۈتنى ئۈزمىگىن
دۈشمىنىڭنى ئۇر پەقەت ئەركىنگىنە يۈرگۈزمىگىن
ئالدىنىپ دۈشمەن بىلەن سەن ئەيشى ئىشرەت تۈزمىگىن
شۇم رەقىپكە باغلىرىمنىڭ مېۋىسىن ئۈزگۈزمىگىن
پات يېقىندا تېپىشارمىز گۈل گۈلىستان ئالدىدا
* * * * * * * * * * * * *
�ئەر ئەمەسمەن دۈشمىنىڭنىڭ قانىنى ئاققۇزمىسام
خائىنلارنىڭ ئەيىۋىنى كۆكسىگە تاققۇزمىسام
ئوت زەھەرلىك نەشتىرىگە ئۆزىنى چاققۇزمىسام
ئەللەي ئىتىپ يەر بۆشۈكتە ھەممىسىن ياتقۇزمىسام
شۇندا مەرد نامىنى ئالغۇم شاھىمەردان ئالدىدا
* * * * * * * * * * * * *
مەيلى مەن بارغۇنچە يىرتقۇچلۇق بىلەن خەلقىمنى ئات
مەيلى مەھبۇب باشىدا قانلىق قېلىچىڭ پارقىرات
مەيلى ۋەھشىلىك بىلەن ئادەمچىلىك ئاڭنى يوقات
ئىنتىقام ئالغۇم سېنىڭدىن تا جېنىم تەندە ھايات
ھىچقاچان ئادەم يېڭىلـمەس ۋەھشى ھايۋان ئالدىدا
نېمشېھىد-
